پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدىن 100 نەچچە، ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە 300 دىن كۆپرەك ۋاكالىتەن سېتىش ئورنى بار بولغان كۆلەملەشكەن شىركەت.
ئۈرۈمچى مىزان سودا چەكلىك شىركىتى بازار ئىگىلىگىنىڭ شىددەتلىك كەسكىن رىقابەت جەرياندا توغرا سودا ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت خېرىدارلىرىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بازار ئەھۋالىنى ئەستايىدىل، سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىپ شىنجاڭدىكى بىر بوشلۇق، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ تەييار چۆپكە بولغان ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ خېيىم - خەتەر ۋە ھەرخىل توسالغۇ، پۇتلىكاشاڭلارنى يىمىرىپ تاشلاپ، شىنجاڭدا ئۇيغۇر تائاملىرى تەمىدىكى ”مىزان”ماركىلىق تەييار چۆپنى بازارغا سېلىپ، شىنجاڭ مىقياسىدا شۇنىڭدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھازىر بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان تەييار چۆپنىڭ تۈرى 10 خىلدىن ئاشىدۇ.
ئۈرۈمچى مىزان سودا چەكلىك شىركىتى كەسكىن بازار رىقابىتى قايناملىرىدا دادىللىق بىلەن ئىلگىرلەپ، 2002-يىلى تۈركىيىنىڭ خەلقئارا سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەن، 118 دىن ئارتۇق دۆلەتكە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىدىغان، كۈنىگە 380 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە، 200 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان” شۆلەن ” شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى باش ۋاكالەتچىسى بولدى.
ئۈرۈمچى مىزان سودا چەكلىك شىركىتى ئەڭ ئەلاسىنى بەرپا قىلىش شۇ ئارقىلىق ئەلنى ھەقىقى رازى قىلىش، بازار رىقابىتى بوراق چاپقۇنلىرىدا داۋاملىق قەد كۆتۈرۈش مىزانىنى تۇرغۇزۇپ، قازاقىستان رايىمبېك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ 300 مىليون يۈەنلىك مېۋە پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇرۇپ، ئىشقا كىرىشتۈردى, ھەمدە 2007-يىلى 9-ئايدا نامغا لايىق “ساپ“ ماركىلىق مېۋە شەربەتلىرىنى بازارغا سېلىپ، بۇ ساھەدىكى يەنە بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، كەڭ ئىستېمالچى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
ھازىر ئۈرۈمچى مىزان سودا چەكلىك شىركىتى ئۆز تىجارىتىنى تىرىشىپ كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، مېيىپلارغا ياردەم قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قىلىش، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ خالىسانە ياردىمىنى ئايىمىدى، مەكتەپ قۇرۇلۇش ئىشلىرى، يول قۇرۇشلىرى، سۇ قۇرۇلۇشلىرىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ جەمئىيەت ۋە خەلقنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
ئۈرۈمچى مىزان سودا چەكلىك شىركىتى بازار ئىگىلىكى قاينىمىدا يېڭى پۇرسەت ۋە ئىنتايىن زور رىقابەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ ئىدىيىنى ئازات قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش” مىزان ” ىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
|